Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
英暹曼谷条
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە - سىيام باڭگوك شەرتنامىسى
1909-يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيە بىلەن سىيام (ھازىرقى تايلاند) بەڭگوكتا تۈزگەن شەرتنامە. شەرتنامىگە ئاساسەن، سىيام ئۆزىىڭ مالايا يېرىم ئارىلىدىكى كېدا، بېرلى شەھىرى، كېلانتان ۋە تېرېڭگانۇدىن ئىبارەت تۆت شتاتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنىڭ مىتروپولىيە ھوقۇقى، ھامىيلىق ھوقۇقى، مەمۇرىي ھوقۇقى ۋە تەۋەلىك ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي ئەنگلىيىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن؛ ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ سىيامدىكى كونسۇللارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قوشۇلغان. شەرتنامىنىڭ قوشۇمچە ماددىسىدا: سىيام بىلەن مالايا تۆمۈريول سىستېمىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈريول ياساش ئۈچۈن، سىيام مالايا قوشما شتاتىدىن 4 مىليون فوند ستېرلىك قەرز پۇل ئالىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت شتات بىلەن ھامىيلىق قىلىش شەرتنامىسى ئىمزالاپ، مەسلىھەتچى ئەۋەتىپ تۇرغۇزۇپ، كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن. بۇ شتاتلار بىلەن جوھۇر شتاتى مالايا قوشما شتاتىغا قاتناشمىغاچقا، مالاياغا قاراشلىق شتات دەپ ئاتالغان.