Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
英日同盟
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە - ياپونىيە ئىتتىپاقى
ئەنگلىيە بىلەن ياپونىيە بىرلىشىپ روسىيىنى يىراق شەرقتىكى كېڭەيمىچلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن ئىتتىپاق. بىرىنچى قېتىملىق ئىتتىپاق شەرتنامىسى 1902-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى لوندوندا ئىمزالانغان. ئۇنىڭدا شەتنامە تۈزۈشكەن بىر تەرەپ ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا يەنە بىر تەرەپ بىتەرەپ تۇرىدۇ؛ ئۈچىنچى دۆلەت باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولغان ئەھۋال ئاستىد، ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شەرتنامىدە يەنە ئەنگلىينىڭ جۇڭگودىكى، ياپونىيىنىڭ جۇڭگو ۋە چاۋشىيەندىكى قانۇنسىز مەنپەئەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىنغان. ئىككىنچى قېتىملىق ئىتتىپاق شەرتنامىسى 1905-يىلى ئىمزالانغان. ئۇنىڭدا ياپونىيىنىڭ چاۋشىيەنگە بولغان <ھامىيلىق قىلىش ھوقۇقى> ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە ھەرقانداق ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا دەرھال ھەربىي ياردەم بېرىش بەلگىلەنگەن.1911-يىلى ئۈچىنچى قېتىملىق ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالانغان. ۋاشىنگتون يىغىنى مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ئەنگلىيە - ياپونىيە ئىتتىپاقى 1921-يىل 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاياغلاشقانلىقى جاكارلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى تۆت دۆلەت شەرتنامىسى ئالغان.