Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
英美关于租借基地协定
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە - ئامېرىكا بازىلارنى ئىجارىگە ئېلىش توغرىسىدىكى كېلىشىم
<ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە مۇداپىئە كېلىشىمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1940-يىلى 9-ئايدا ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئالماشتۇرغان ھۆججەت ھەم 1941-يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە كانادادىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت تۈزگەن مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم، ئالماشتۇرۇلغان ھۆججەت ۋە كېلىشىمنامىلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيسى ۋە سودا پاراخوتلىرى ئىنتايىن چوڭ چىقىم تارتقان تولۇقلاپ بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، چېرچېلل روزۋېلتتىن ياردەم بېىرشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا 50 دانە كونا قوغلىغۇچى پاراخوتنى ئەنگلىيىگە بېرىپ، غەربىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئەنگلىيىگە قاراشلىق جايلاردا ھەربىي بازا قۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان. بۇ جايلار بېرمودا تاقىم ئاراللىرى، باھاما تاقىم ئاراللىرى، يامايكا، نىيۇفا ئوندلېند، سېنت - لىيۇسىيە ئارىلى، ترىنداد ئارىلى، ئانتىگۇئا ئارىلى ۋەئەنگلىيىگە قاراشلىق گۋىئانا قاتارلىق سەككىز بازىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىجارىگە ئېلىش مۇددىتى 99 يىل بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئامېرىكا بىتەرەپ تۇرۇش مەيدانىدىن ئايرىلىپ، ئەنگلىيە - ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچى ئاتلانتىك ئوكياندا تېخىمۇ كېڭەيگەن.