Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
印度尼西亚八月革命
دۇنيا تارىخى
ھىندۇنېزىيە ئاۋغۇست ئىنقىلابى
ھىندۇنېزىيىدىكى بۇرژۇئا مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابى. كوممۇنىستلار ۋە ئىنقىلابىي ياشلار ياپونىيىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقى ۋە غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھىندۇنېزىيىگە تېخى قايتىدىن كىرمىگەنلىكىدىن ئىبارەت پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سۇكارنونىڭ ھىندۇنېزىيىنىڭ مۇستەقىل بولۇپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىشىغا تۈرتكە بولغان. پايتەخت ياشلىرى ۋە خەلق ئاممىسى زاۋۇت - فابرىكا، پورت - پرىستان، ۋوگزال، ترامۋاي ئىدارىسى ۋە ھەرخىل خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. ھەرقايسى جايلاردىكى ئامما ياپونىيە ئارمىيىسىنى قورالسىزلاندۇرۇپ، يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنى قۇرغان. ياپونىيە ئىشغال قىلغان مەزگىلدە قۇرۇلغان <مۇستەقىللىك تەييارلىق كومىتېتى> 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سەككىز نەپەر ياش ۋەكىلنى كۆپەيتكەندىن كېيىن، ئالدىراشلىق بىلەن ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللاپ، سۇكارنو بىلەن ھەتتا (1902 - 1980) ئايرىم - ئايرىم زۇڭتۇڭ، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. ئەنگلىيە ياپونىيە ئارمىيىسىنى قورالسىزلاندۇرۇش نامى بىلەن 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ھىندۇنېزىيىگە باستۇرۇپ كىرگەن ۋە بېسىۋالغان رايوننى گوللاندىيىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. ھىندۇنېزىيە بىلەن گوللاندىيە 1946 - يىل 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى <لىڭگا جاتى كېلىشىمى> نى ئىمزالاپ، گوللاندىيە ھىندۇنېزىيىنىڭ ياۋا، مادۇرا، سۇماترالاردىكى ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان، بۇلاردىن باشقا يەرلەر گوللاندىيىنىڭ تىزگىنلىشىدە بولغان. گوللاندىيە ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بىلەن 1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ھىندۇنېزىيىگە قارىتا 1 - قېتىملىق <مۇھاپىزەت ھەرىكىتى> نى قوزغىغان. 1948 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئىككى تەرەپ <رېنۋىل ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. 9 - ئايدا، جاھانگىرلارنڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ھەتتا ھۆكۈمىتى مادىئۇن ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، زور تۈركۈمدىكى كوممۇنىستلارنى قىرغان. 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يىرتىۋېتىپ، 2 - قېتىملىق <مۇھاپىزەت ھەرىكىتى> نى قوزغىغان، بۇ ھەرىكەت خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچراپ، پارتىزانلىق ئۇرۇش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان؛ ئىككى تەرەپ 1949 - يىلى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، گائاگادا <يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. ئۇنىڭدا: ھىندۇنېزىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش، گوللاندىيە (غەربىي ئىرىئاندىن باشقا يەرلەرنىڭ) ئىگىلىك ھوقۇقىنى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ جۇمھۇرىيەت گوللاندىيە كورۇلىۋاسى دۆلەت باشلىقى بولغان <گوللاندىيە ھىندۇنېزىيە فېدېراتسىيىسى> گە قاتنىشىپ، دىپلوماتىيە، ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە <ئۇزاق مۇددتلىك ھەمكارلىق> نى يولغا قويۇش، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ كېلىشىم ئاۋغۇست ئىنقىلابنىڭ مۇرەسسەچىلىك بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.