Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
印度民族大起义
دۇنيا تارىخى
ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭى
ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى 1857 - 1859 - يىللاردىكى قوزغىلىڭى. 1856 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرى، ھىندىستان يېزىلىرىدا <چەلپەك> (چۇپات) سۇنۇش ۋە ئارمىيىدە نېلۇپەر گۈلى سۇنۇش يولى بىلەن خەلقنى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى قوزغىلاڭ قىلىشقا دەۋەت قىلىش ھەرىكىتى باشلانغان. 1857 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مىرۇت شەھىرىدە سىپاھ (يەرلىك خەلقتىن بولغان ئەسكەر) لار ئادالەت تۇغىنى بىرىنچى بولۇپ كۆتۈرۈپ چىققان. ئەتىسى پايتەخت دېھلىنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، قۇرۇق نامىلا قالغان موغۇل ئىمپېرىيىسىنى تىكلەپ، پادىشاھ باھادىر شاھ Ⅱ نى قوزغىلاڭنىڭ داھىيىسى قىلغان ھەمدە ئون كىشىدىن تەركىب تاپقان مەمۇرىي كېڭەش قۇرۇپ، ئۇنى قوزغىلاڭنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنى قىلغان. قوزغىلاڭ ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىدىكى 20 رايونغا كېڭەيگەن. دېھلى، لاكنائۇ، جھانىسى شەھەرلىرى قوزغىلاڭنىڭ مەركىزى بولغان. قوزغىلاڭغا ھىندىستاننىڭ ھەر قاتلام خەلقى ئارقا - ئارقىدىن ئاۋاز قوشقان. كۈرەش جەريانىدا ھىندى دىنى مۇرىتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى بىرلىشىپ ئورتاق دۈشمەنگە قارشى تۇرغان. كېيىن دېھلى ۋە لاكنائۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ئائۇد ۋە روھىلكەند رايونلىرىدا قوزغىلاڭچى ئارمىيە - خەلق مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە ئۈزلۈكسىز زەربە بەرگەن. دېقان، ئەسكەر، ھۈنەرۋەن ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى قوزغىلاڭنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان، ئاز ساندىكى فېئودال بەگ - خوجىلارمۇ قوزغىلاڭغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئاساسلىق رەھبەرلىرى لاكىشمى بار، نانا ساھىب، تانتىياتوپى قاتارلىقلار. بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىك ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە بىر قىسىم فېئودال يەر ئىگىلىرىنىڭ ئاسىيلىقى تۈپەيلىدىن، قوزغىلاڭ ئاخىرى 1859 - يىلى باستۇرۇلغان. لېكىن ئۇ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ھىندىستان مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ راۋاجلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.