Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伊灵顿起义
دائىرە: دۇنيا تارىخىئىلىندون قوزغىلىڭى
1903 - يىلى ماكىدونىيە خەلقىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي ئازدالىق كۈرىشى، 2 - ئاۋغۇست سېن ئىلېيا كۈنى پارتلىغانلىقى، دىن كالېندارىدا بۇ كۈن ئىلىندون بايرىمى بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. قوزغىلاڭ پارتىلغاندىن كېيىن، ماكىدونىيىنىڭ پۈتكۈل غەربىي جەنۇب قىسمىغا تېز كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كروشېۋو شەھىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، يەرلىك بۇلغارىيىلىكلەر، ۋالاخىيىلىكلەر ۋە گرېتسىيىلىكلەر بىرلىشپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان. قوزغىلاڭ ماكىدونىيىنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى 200 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن يۆتكەپ كېلىپ باستۇرغان. قوزغىلاڭچىلار ئۈچ ئاي قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ ئاخىرى مەغلۇپ بولغان. 200 دىن ئارتۇق يېزا ۋەيران بولغان. 5000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن. 70 مىڭ ئادەم يۇرت - ماكانىدىن ئايرىلىپ، سەرسان بولغان، 30 مىڭ ئادەم بولغارىيىگە قېچىپ كەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.