Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伊肯斯
دۇنيا تارىخى
ئېكىنس
(1844 - 1916) ئامېرىلىق رەسسام. فىلادېلفىيىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا پېنسىلۋانىيە گۈزەل سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1866 - يىلى پارىژغا بېرىپ ئوقۇپ، ئادەم تېنى قۇرۇلمىسى ۋە ھەرىكەت ھالىتى ئۈستىدە رېئال نەرسىنى سىزىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. 1869 - يىلى ئىسپانىيىگە بېرىپ، ⅩⅦ ئەسىردىكى ئىسپانىيە رەسساملىرى ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. 1870 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ بارغان، كېيىن جېففېرسون تېببىي ئىنىستىتۇتىدا ئاناتومىيە ئوقۇغان. 1873 - يىلىدىن باشلاپ پېنسلۋانىيە گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا كۆپ يىل پروفېسسور بولغان. دەسلىپىدە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەيدىغان تۇرمۇش سىزمىلىرىنى سىزغان. ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىن كېيىن، كۆپىنچە ئادەم سۈرىتىنى سىزغان ھەمدە دېڭىز - ئوكيان مەنزىرىلىرى تەسۋىرىي رەسىملىرىنى ئىشلىگەن. رەسسامچىلىق ئۇسلۇبى پۇختا ۋەئىنچىكە بولۇپ، ناتۇرالىزم خاھىشىغا ئىگە بولغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن <گروسنىڭ خىرورگىيە كلىنىسكىسى ھەققىدىكى لېكسىيىلىرى>، <ۋان. بلان خېنىم سۈرىتى> قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا ھەيكەل ئەسەرلىرىمۇ بار.