Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
一九零九年雅典起义
دۇنيا تارىخى
1909-يىلىدىكى ئافىنا قوزغىلىڭى
ئافىنا مۇھاپىزەتچى قوشۇنىنىڭ پادىشاھى گېئورگې Ⅰنىڭ مۇستەبىتلىك تۈزۈمىگە قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلاڭ. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، گرىتسىيىنىڭ دۆلەت مالىيە ئەھۋالى يامانلىشىپ، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بولغان بېقىندىلىقى كۈچەيگەنلىكتىن، ئىچكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەن.1909-يىلى گرىتسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيىنىڭ ئۇرۇش تەھدىتىدىن قورقۇپ، كرىت پارلامېنتىداماقۇللانغان كرىت ئارىلىنى گرېتسىيە بىلەن قوشۇۋېتىش توغرىسىدىكى قارارنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۋەتكەن، بۇرژۇئامىللەتچىلىك تەشكىلاتى بولغان ھەربىيلەر ئىتتىپاقى ئوتتۇرغا چىقىپ كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى، خىيانەتچىلىكنى تۈگىتىشىنى، مالىيەنى ياخشىلىشىنى ۋە خان جەمەتىدىكى خادىملارنى ئارمىيىدىكى قوماندانلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، پايتەختتىكى مۇھاپىزەتچى قوشۇن 8-ئاينىڭ 28-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن،باشقا ئۆلكىلەرمۇ ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن. پادىشاھ خان جەمەتىدىكى خادىملارنى ئارمىيىدىكى قوماندانلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا، ھەربىيلەر ئىتتىپاقىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە 1910-يىلى 1-ئايدا مىللىي پارلامېنت چاقىرىشقا ۋەدە بەرگەن.