Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
一级结构
تېببىي
yī jí jié gòu
بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشDئۇنىۋېرسال
yī jí jié gòu
بىرلەمچى قۇرۇلما
بىئولوگىيە
بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈش
نۆۋەتتە مەلۇم بولۇشىچە، بىئو ماكرو مولېكۇلىلار ئۇلارنى تۈزگۈچى بىرلىكلىرىنىڭ مەلۇم خىل بىر كوۋالېنتلىق باغلار ئارقىلىق رەتلىك ھالدا تۇتىشىشىدىن ھاسىل بولغان يىپسىمان پولىمېردۇر. مۇئەييەن تەرتىپكە ئاساسەن تىزىلغان بۇ خىل خىمىيىلىك تۈزۈلۈش - بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈش دەپ ئاتىلىدۇ. ئاقسىللارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشى 20 خىل ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ پېپتىد بېغى (- NH - CO -) ئارقىلىق مۇئەييەن تەرتىپ بويىچە باش، ئاخىرى تۇتىشىپ تىزىلغان پولى پېپتىد زەنجىرىدۇر. رىبونۇكلېئىك كىسلاتا ۋە دېئوكسى رىبونۇكلېئىك كىسلاتانىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشى بولسا، ھەر خىل نۇكلېئوتىدلار (DNA دە تۆت خىل دېئوكسى رىبونۇكلېئوتىدلار؛ RNA دە تۆت خىل رىبونۇكلېئوتىدلار) نىڭ فوسفودى ئېستېر بېغى ئارقىلىق بەلگىلىك تەرتىپكە ئاساسەن تىزىلغان پولى نۇكلېئوتىد زەنجىرىدۇر. پولى ساخارىد مولېكۇلىسى ھەر خىل مونوساخارىدلارنىڭ گلىكوزىد بېغى ئارقىلىق بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە تىزىلىشىدىن تۈزۈلىدۇ. 1956 - يىلى ف سانگېر (ئەنگىلىيىلىك) ئالدى بىلەن كالا ئىنسۇلىننىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاش ئىشىنى تاماملاش بىلەن ئاقسىللارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاش ئۇسۇلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. 1975 - يىلى ف. سانگېر DNA نىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاشقا قارىتا بىر خىل ئىشقار قوشۇش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلدى. 1977 - يىلى ماكسام ۋە گلبېرت قاتارلىقلار خىمىيىلىك ئۈزۈش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلش بىلەن DNA (ياكى گېن بۆلىكى) نىڭ نۇكلېئوتىد تەرتىپىنى ئانالىز قىلىش ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى.