Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伊戈尔运征记
دۇنيا تارىخى
ئىگورنىڭ يىراققا يۈرۈش خاتىرىسى
قەدىمكى رۇس داستانى. تەخمىنەن ⅡⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كىتاب بولۇپ پۈتۈپ چىققان. داستاندا نوۋگوردسېلۋىلىيە كىنەزى ئىگور سىۋياتوسلاۋىچ (1151 - 1202) نىڭ 1185 - يىلى پولوۋسلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ، يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ، كېيىن خەۋپ - خەتەرلەرنى باشتىن كۈچۈرۈپ، يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە خاتىرىلەنگەن. ئەسەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى مەدھىيىلىنىپ، جايلاردىكى كىنەزلەرنى ئىچكى نىزانى تۈگىتىپ، رۇسلارنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنغان.