Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伊恩迈尔一世
دۇنيا تارىخى
ئىسمائىل Ⅰ
(1487 - 1524) ئىران سافى خاندانلىقىنڭ قۇرغۇچىسى (1502 - 1524). 1499 - يىلى ئەزەربەيجاننىڭ قىزىلباش (قىزىل ياغلىقلار مەنىسىدە) قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى بولغان. 1502 - يىلى، قوشۇن باشلاپ چىقىپ، ئاق قويۇنلۇ خاندانلىقىنىڭ سۇلتانى ئالۋاندنىڭ قوشۇنىنى يېڭىپ، ئەزەربەيجاننىڭ جەنۇبىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى <شاھ> قىلىپ تىكلىگەن، تەبرىزنى پايتەخت قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىنى دۆلەت دىنى قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1502 - 1508 - يىللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىراننىڭ زور قىسمى، ئەرمەنىيە، كۇردىستان ۋە ئىراقنى ئىشغال قىلغان. 1510 - يىلى، ئۆزبېكلەرنى يېڭىپ، خوراساننى تارتىۋالغان ھەمدە كۈچىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان. 1514 - يىلى، چالدىران (ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدا) ئۇرۇشىدا ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن يېڭىلىپ، كۇردىستان ۋە ئەرمەنىيىنىڭ غەربىدىن ئايرىلىپ قالغان. مەملىكەت ئىچىدە سودا - سانائەتنى قوغداپ، پەن - مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرغان. ئۆزى شائىر بولۇپ، بىرمۇنچە شېئىرلىرى قېپقالغان.