Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伊本.沙特
دۇنيا تارىخى
ئىبنى سەئۇدى
(1880 - 1963) ئابدۇل ئەزىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى (1932 - 1953). نەجد ئەمىرى ئىمام ئابدۇل راخماننىڭ ئوغلى. دادىسى بىلەن بىللە چەت ئەلدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن. 1901 - يىلى نەجد پادىشاھلىقى ئەمىرلىكىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1914 - يىلى زېمىنىنى پېرسىيە قولتۇقىغىچە كېڭەيتكەن. 1925 - يىلى پۈتۈن ھېجازنى بويسۇندۇرۇپ نەجد بىلەن ھېجازنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1927 - يىلى ھېجاز ۋە نەجد پادىشاھى دەپ ئاتالغان. 1932 - يىلى دۆلەت ئىسمىنى سەئۇدى ئەرەبىستانى دەپ بېكىتكەن. تەختتىكى مەزگىلىدە، ئسىلام دىنى ۋاھابىلەرنىڭ كۈچىنى ئۇلغايتىپ، سەئۇدى جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، قەبىلىلەرنىڭ تەپرىقە ھالىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن خاتىمە بېرىپ، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ھاكىمىيەت ئورناتقان؛ باشقا مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بېرىپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قوغدىغان، دىپلوماتىيە جەھەتتە، يەھۇدىي قىساسچىلىرىغا ۋە كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1933 - يىلى كۆپلىگەن زېمىنىنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەتتىن ھالقىغان نېفىت شىركىتىگە ئىجارىگە بەرگەن. كېيىن نېفىت ئىگىلىك ھوقۇقىنى بارا - بارا قايتۇرۋېلىپ ەئۇدى ئەرەبىستانىنى مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە نېفىت چىقىرىش دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ، مىللىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.