Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
一般能力和特殊能力
پسىخولوگىيە
ئادەتتىكى قابىلىيەت ۋە ئالاھىدە قابىلىيەت
بۇ قابىلىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئىككى تەرىپى. كىشىنىڭ بارلىق پائالىيىتىدە زۆرۈر بولغان ئاساسىي قابىلىيەت ئادەتتىكى قابىلىيەت، ياكى ئەقلىي قابىلىيەت دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: سەزگۈ، خاتىرە، خىيال، تەپەككۇر قاتارلىق جەھەتلەتلەردىكى قابىلىيەتلەر. كىشىلەرنىڭ مەلۇم خىلدىكى مەخسۇس كەسپىي پائالىيىتىدە ئىپادىلىنىدىغان ھەمدە بۇ خىل مەخسۇس كەسپىي پائالىيتىدە يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرىدىغان قابىلىيەت ئالاھىدە قابىلىيەت دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ماتېماتىكا، مۇزىكا، رەسساملىق، ئەدەبىيات جەھەتلەردىكى قابىلىيەت. ئادەتتىكى قابىلىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئالاھىدە قابىلىيەتنىڭ تەرەققىي ئۈچۈن ئىچكى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. ئالاھىدە قابىلىيەتنىڭ تەرەققىي قابىلىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتىكى قابىلىيەتنىڭ مەلۇم بىر تەرىپى ئالاھىدە تەرەققىي قىلىپ، مەلۇم خىلدىكى ئالاھىدە قابىلىيەتنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە قابىلىيەتنى ئادەتتىكى قابىلىيەتنىڭ ئالاھىدىلىشىشى ۋى كونكرېت ئىپادىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ھەر قانداق پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن بەلگىلىك ئادەتتىكى قابىلىيەت بىلەن ئالاھىدە قابىلىيەت بولۇشى لازىم. كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتى ئادەتتىكى قابىلىيىتى بىلەن ئالاھىدە قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى.