Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
一八九二年印度议会法案
دۇنيا تارىخى
1892-يىلدىكى ھىندىستاننىڭ پارلامېنت قانۇن لايىھىسى
1892-يىل 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان ھىندىستاننىڭ قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسى. ئۇنڭدا باش ۋالىي مەسلىھەت كېڭىشى(مەركىزىي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى)نىڭ ئادەم سانىنى10 دىن 16 گىچە كۆپەيتىش؛ ھەرقايسى ئۆلكىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتلىرىنىڭ ئەزالىرىنىمۇ ھۆكۈمەت مۇناسىپ ھالدا كۆپەيتىپ تەيىنلەش، بىراق، يەرلىك تەشكىلاتلارغا ياكى گۇرۇھلارغىمۇ پارلامېنت ئەزاسىنى تاللاش ۋە كۆرسىتىش ھوقۇقىنى بېرىش، دەپ بەلگىلەنگەن. پارلامېنت ئەزالىرى مالىيە خام چوتى توغرىسىدىكى دوكلات ئۈستىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىش ۋە مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۈرۈشتە قىلىشقا ھوقۇقلۇق دەپ بەلگىلەنگەن.