Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىگە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. خوجا.
ئۆي ئىگىسى. * مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك (ماقال). * مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام (ماقال). * ئاڭلىغان گەپنىڭ ئىگىسى يوق (ماقال).
2. بار، بار بولغان. بىز مول تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە. * بۇ ئىش زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
3. ئىگىدارلىق، مەسئۇللۇق. ئۆز - ئۆزىگە ئىگە. * سۆزلىمگەن سۆزۈمگە مەن ئىگە، سۆزلىگەن سۆزۈم ماڭا ئىگە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
گرامماتىكا ئاتالغۇسى. جۈملىنىڭ باش بۆلەكلىرىنىڭ بىر.
جۈملىنىڭ ئىگىسى. * ئىگىسىز جۈملە ئاددىي جۈملە بىلەن خەۋەردىن قۇرۇلىدۇ، مۇرەككەپ جۈملىدە ئىگە - خەۋەردىن باشقا ئەگەشمە بۆلەكلەر بولىدۇ.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئىگە، ساھىب؛ تەڭرى:
پادىشاھ، ھۆكۈمدار:
1. ئالاچۇقنىڭ ئىگەسى ئېردى بىر پىر،
كى دەريادىن چىقارۇر ئېردى تەۋفىر.
لۇتقى.
يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ، ۋەتەننىڭ گەۋھەرىدۇرمەن.
موللا بىلال.
2. ... گۇياكى مۇلك ئىگەسىز قالدىكىم، ئول زالىم ۋە نادان كىشى ئېردى.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىگىدارلىق قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى.
ئاش ئىگىسى بىلەن تاتلىق. ئىگىسى رازى بولمىغان ئاش قورساق ئاغرىتار. مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام. ئىگىسىدىن ئايرىلسا ئىتمۇ يىغلار. بۇ ئىشقا مەن ئىگە. تىرىشچانلىق ۋاقىتنىڭ خوجىسى. پۇلنىڭ قۇلى بولما، خوجايىنى بول.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<ئىدى> گە قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قولىدىكى، ئىختىيارىدىكى نەرسىگە ئىگىلىك قىلغۇچى، ئىگىلىك ھوقۇقىدىن پايدىلانغۇچى؛ خوجايىن.
مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك (ماقال).
ئىتنىڭ پەيلى ئىگىسىگە مەلۇم (ماقال). دۆلىتىمىز زور تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە.
<تىل> جۈملىنىڭ خەۋىرى بايان قىلىدىغان ئوبيېكت، يەنى كىم ياكى نېمە دېگەن سوئالغا جاۋاب بولۇپ كېلىدىغان جۈملە بۆلىكى.
(تەۋەلىك Ⅰ شەخس قوشۇمچىسى <- م> بىلەن كېلىپ) خۇدا، تەڭرى.
بۇ ئىشنى ياراتقان ئىگەم ئۆزى بىلىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ساھىب، ئىگە، ئىگە بولغاق.