Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىفتالىتلار
دۇنيا تارىخى
يەنە يەپتاللار، ئابداللار دەپمۇ ئاتالغان. ئىفتالىتلار ماۋرائۇننەھىر (ئوتتۇرا ئاسىيا) ۋە ئافغانىستان رايونىدا قۇرغان دۆلەت. ئىفتالىتلار ئىپتىدائىي كۆچمەن چارۋىچى خەلق بولۇپ، ئۇلۇغ تۇخرىيلار بىلەن قېنى ئارىلىشىپ كەتكەن ھونلار دەپ قارىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ نامى ئىفتالىت بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرقىي رىم تارىخچىلىرى <ئاق ھون> دەپ ئاتايدۇ. ئەسلى ئالتاي تاغلىرى رايونىد ئولتۇراقلاشقان. مىلادى Ⅴ ئەسىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى غەربكە كۆچۈپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىپ، باداگىس (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىدا) شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. زورو ئاستېر دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 742 - يىلى ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغان. كېيىن بەزىدە ئۇرۇشۇپ، بەزىدە سۈلھ قىلىشقان. 484 - يىلى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ساسانىيلار قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھ فىرۇز (458 - 484) نى ئۆلتۈرۈپ، ساسانىيلار سۇلالىسىنى ئولپان تۆلەشكە مەجبور قىلغان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىنى ئىشغال قىلغان. تەخمىنەن 533 - يىلى ئىفتالىتلارنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلغان. 567 - يىلى تۈركلەر بىلەن ساسانىيلار قىستاپ ھۇجۇم قىلىشى ئاستىدا ئىفتالىت دۆلىتى ھالاك بولغان. تۈركلەر بىلەن ساسانىيلار سۇلالىسى ئامۇ دەرياسىنى پاسىل قىلغان ھالدا ئۆز ئالدىغا ئىفتالىتلار زېمىنىنى ئىگىلىۋالغان.