Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەزىز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تېپىلماس.
ئۇلۇغ، قەدىر - قىممەتلىك، مۆتىۋەر، مۆھتەرەم.
سۆيۈملۈك.
تەڭدىشى ئاز، تەڭداشسىز؛ ئۇلۇغۋار.
شاھ؛ كاتتا ئەمەلدار؛ ئۇلۇغ زات.
قەدىر - قىممىتى يۇقىرى، تەۋەررۈك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالىي ۋە ئۇلۇغ، ئىززەتلىك ۋە قىممەتلىك.
<مۇقەددەس> ئەڭ ئالىي ۋە ئۇلۇغ نەرسىگە قارىتىلىدۇ.
<مۇبارەك> تەبرىكلەشكە ئەرزىيىدىغان نەرسىگە قارىتىلىدۇ.
<تەۋەررۇك> قەدىرلەشكە تېگىشلىك نەرسىگە قارىتىلىدۇ.
<قۇتلۇق> بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان نەرسىگە قارىتىلى
مىللىتىمىزنى سۆيۈش بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز. باي كىيسە <مۇبارەك>، گاداي كىيسە <نەدىن ئالدىڭ>. ئاتا - بوۋىمىزنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن تەۋەررۇكلىرىنى ياخشى ئاسىرايلى. بېرىدىغان قول ئالىدىغان قولدىن قۇتلۇق. ئەزىز ۋەتىنىمىزنى قوغدايلى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئېگىز.
ئەزىز يار _ ئېگىز يەر. باشقا ئېگىز نەرسىلەرمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. ئەزىز تاغ _ ئېگىز ياكى ئاشقىلى بولمايدىغان تاغ.
1 - 76
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئېگىز.
ھەر نەرسىنىڭ ئېگىزى.
1 - 165
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. ئىززەت - ھۈرمەتكە ئىگە، قەدىرلىك، سۆيۈملۈك.
ئەزىز مېھمان. ئەزىز دوست. ئەزىز ئوغلۇم.
سۈپ. ئۇلۇغ، سۆيۈملۈك، بىباھا.
ئەي ئەزىز ئانا دىيارىم ياشنىدىڭ، بوستان بولۇپ، كۈيلىنەر ئىشقىڭ تۈمەن دىلدا غەزەل - داستا بولۇپ.
ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئېگىز
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئېزىز، ھېزىز، ھەزىز
كۈچلۈك، ئۇلۇغ، قەدىرلىك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
قەدىرلىك، قىممەتلىك، تەۋەرۈك، ھۈرمەتلىك ياكى قۇدرەتلىك، قىممەتلىك.