Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەزمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بېسىپ مىجىقلىماق، يانجىماق؛ سىقىپ سۈيىنى چىقارماق.
غۇلام ئالدىراش يۈگۈرۈپ كىردى - دە، پىشىپ تۈۋىگە چۈبشكەن بىر تال شاپتۇلنى دەسسەپ ئېزىۋەتتى.
ئۇرۇپ، سوقۇپ ئۇۋاقلىماق، يۇمشاتماق، ماكچايتماق.
ئۇ يۇمشىتىلىدىغان خام دورىلارنى ھاۋانچىدا ئېزىۋاتاتتى.
نەمدەپ ياكى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ تەمىنى چىقارماق، سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرماق.
گۈلسۈم چاي ئىستاكانلىرىغا چاقماق قەنت سالدى - دە، چاي قوشۇقى بىلەن ئاستا مالتىلاپ ئېزىشكە باشلىدى.
كۆچمە. جەبىر، زۇلۇم سالماق؛ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلماق.
ھۇسەيىننىڭ دادىسى گومىنداڭنىڭ چوڭ بىر ئەمەلدارى بولۇپ، خەلقنى ئېغىر ھالدا ئەزگەنىدى.
كېسەل ياكى قىيىنچىلىق جىسمانىي جەھەتتىن بوشاشتۇرماق.
خۇشاللىقنى ئۇنتۇدى پەرھات، يۈزلىرىنى كۆچتى قىزىللىق. كۆزلىرىدە ئوينىدى ھەسرەت، ئەزدى ئۇنى مىسكىن يېتىملىك.
روھىي جەھەتتىن ئازابلىماق، چۈشكۈنلۈككە ئۇچراتماق، قىينىماق؛ بىئارام قىلماق، ھاياجانلاندۇرماق.
ئۇنىڭ ھازىرقى ھالى يۈرەك - باغرىمنى ئەزدى.
قىزنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى يۈرىكىمنى ئەزدى.
بىرەر گەپنى ئەزمىلىك بىلەن سوزماق، گەپنى چايناپ ئۇزارتماق.
ئۇ بىر ھازا ئەزمىسىنى ئەزدى، ئاڭلىماي كېتىۋېرەي دېسەم، <ھال پەيدا بولۇپ قاپتۇ>، دەپ ئويلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم.