Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
业主殖民地
دائىرە: دۇنيا تارىخىمۈلۈكدارلار مۇستەملىكىسى
مۈلۈكدارلار ئارقىلىق ئەنگلىيە كورۇلىغا ۋەكالىتەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان مۇستەملىكە ⅡⅤⅩ ئسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئالدىن - كەينىدە ئەنگلىيە شىمالىي ئامېرىكىغا فېئوداللىق تۈزۈمنى <كۆچۈرگەن>، 1632-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ئالدى بىلەن بارون بالتىمور (تەخمىنەن 1580 - 1632) غا شىمالىي ئامېرىكىدىكى بىرىنچى مۈلۈكدارلار مۇستەملىكىسى مارىلاندنى قۇرۇش ئىمتىيازىنى بەرگەن ھەمدە قانۇنىي جەھەتتىن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىش بەلگىلەنگەن. 1660-يىلىدىن كېيىن يەنە نيۇ - يرك يېڭى جىرىسې، دېلاۋارې پېنسىلۋانىيە، شىمالىي كارولېنا ۋە گىئورگىيىدىن ئىبارەت يەتتە ئورۇندا مۈلۈكدارلار مۇستەملىكىسىنى قۇرغان. كېيىن بەزى مۇستەملىكلەرنى ئەنگلىيە كورۇلىغا بىۋاسىتە قاراشلىق قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى كورۇل جەمەتى مۇستەملىكىسى دەپ ئاتىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.