Uyghur←Englishئاساسىي لۇغەت
ئەزەربەيجانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
Azerbns
ئەزەربەيجانلار ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 13 مىليون 770 مىڭدىن كۆپرەك. ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 5 مىليون 800 مىڭى ئىراننىڭ غەربىي شىمالى (كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى) دىكى ئەزەربەيجان ئۆلكىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 25 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ يەنە بىر قىسمى گروزىيە، ئەرمەنىستان، ئۆزبېكىستان بىلەن ئىراق، تۈركىيە قاتارلىق غەربىي ئاسىيا ئەللىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
ئەزەربەيجانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ غەربىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ (بەزىدە بالقان - كاۋكاز تىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ): ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركى تىللار گۇرۇپپىسى ئوغۇز تىلى تارمىقىغا تەۋە ئەزەربەيجان تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ.
ئەزەربەيجانلار ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپى ۋە سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ؛ ئاھالىلىرى ئىچىدە، دەل - دەرەخ، ئوت ۋە تاش قاتارلىق نەرسىلەرگە چوقۇنۇش ئادەتلىرىمۇ ساقلىنىپ قالغان.
ئەزەربەيجانلارنىڭ كۆپى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق، ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىر قىسمى نېفىتلىكلەردە ئىشلەيدۇ؛ دىھقانچىلىقتا ئاساسەن كېۋەز، ئەلا سۈپەتلىك چاي، تاماكا، ھەرخىل مېۋە قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
ئەزەربەيجانلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىدىن بۇرۇنلا جەنۇبىي كاۋكازنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك ئاھالىلەر ئىدى، كېيىن بۇ جايغا كىممېرىئان، سىكىفلار، بۇلغار، خاسا، ھون قاتارلىق قەدىمكى قەبىلە - قوۋملار كۆچۈپ كەلگەن؛ Ⅺ - Ⅹ[KG-*2]Ⅲ ئەسىرلەرگە كەلگەندە يەنە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان تۈرك قەبىلىلىرى (ئاساسەن سالجوق تۈركلىرى) مۇ كۆچۈپ كېلىپ ئۆزئارا قوشۇلۇپ، پەيدىنپەي ئەزەربەيجانلار قوۋمىنى ھاسىل قىلغان.
Ⅹ[KG-*2]ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئەزەربەيجانلار ئىرانغا قاراشلىق 10 نەچچە فېئوداللىق دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
ئەزەربەيجانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆي - جايلىرى تاش، كېسەكتىن سېلىنغان گۈمبەزسىمان بىنالارنى ئاساس قىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ تىپىك بولغان كىيىم - كېچەكلىرى قەدىمكى رىم پاسونىدىكى ئۇزۇن يەكتەك ۋە كەڭ پۇشقاقلىق شاراۋاردىن ئىبارەت؛ ئاياللىرىنىڭ كىيىمى كەڭ پەشلىك پەشمەت بىلەن كۆپ پۈرمىلىك يوپكا بولۇپ، سىرتقا چىققاندا كۆپىنچە <چادرا> دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل رومال بىلەن بەدىنىنى يۆگەپ چىقىدۇ، بىلەيزۈك، ئۈزۈك، قوڭغۇراق،قاتارلىق ھەرخىل زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايدۇ.
ئەزەربەيجانلارنىڭ ئاساسلىق ئەنئەنىۋى يىمىكى نان، بولكا، جۇۋاۋا، پولو قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئەزەربەيجانلار تارىخىدا ماتېماتىكا، گېئومىتىرىيە ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان ئالىم نەسىرىدىن توسى (1201 - 1274)،شەرق ئەدەبىيات ژانىرلىرىدىن بىرى بولغان <خەمىسە> چىلىككە ئاساس سالغان مەشھۇر ئەدىب ۋە مۇتەپەككۇر ئىلياس ئىبىن يۈسۈپ نىزامىي گەنجىۋىي (1141 - 1209) ۋە رۇقىنددىن ئەۋھادىي (؟ - 1337 - يىل ۋاپات بولغان) مۇتەپەككۇر ۋە شائىر فۇزۇلى (1498 - 1556)، پەيلاسۇپ مىرزا ئاخۇندوف (1812 - 1878) قاتارلىق مەشھۇر شەخىسلەر بارلىققا كەلگەن.
ئەزەربەيجانلار نەزمە - نەسىرنى ئاساس قىلغان مول خەلق ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە نىزامى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان <خىسراۋ ۋە شېرىن>، <لەيلى - مەجنۇن>، <ھەفىت پەيكار>، (<يەتتە گۈزەل>)،<ئىسكەندەرنامە> قاتارلىق داستانلار خېلى كەڭ تارقالغان، <كىتابى - دەدە قور - قوت> مۇ ئەزەربەيجانلار ئىچىدە تارالغان ئەڭ قەدىمكى داستان ھېسابلىنىدۇ. ئەزەربەيجانلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئۇزىتىش، ھېيىت - بايرام ئادەتلىتى ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
ئەزەربەيجانلار روزا ھېيىت، قۇربان ھېيىت ۋە مەۋلۇد قاتارلىق ھېيىت - ئايەملەرنى ئۆتكۈزۈشتىن باشقا، يەنە قەدىر - قۇم ئايىمى (ھىجىرىيە ھېسابىدا 12 - ئاي زولىھەججەنىڭ 18 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ) قاتارلىق ھېيىت - بايراملارنى تەنتەنىلىك كۈتىۋالىدۇ. ئەزەربەيجانلار ئومۇمەن كۆشىمەيدىغان ھايۋان گۆشىنى يېمەيدۇ؛ ھايۋان قېنىنى ئىستېمال قىلمايدۇ، بوغۇزلىمىغان ھايۋان گۆشىنى <ھارام> دەپ قاراپ ئۇنىمۇ يېمەيدۇ.
ئەزەربەيجانلاردا< 7 > رەقەمنى ئۇلۇغلاش، ئۇنى مۇقەددەس، خاسىيەتلىك سان دەپ قاراش ئادىتى بار. ئەزەربەيجانلار چىنار دەرىخىنى كۈچ - قۇدرەت ۋە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ، ئۇنى ئۇلۇغلاش ئادىتى بار، شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا كۆپىنچە <چىنار>، <چىنارە> دەپ ئىسىم قويىدۇ، توي - تۆكۈن ئىشلىرىنىمۇ چىنار دەرىخى سايىسىدا ئۆتكۈزىدۇ.