Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەزارىقە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
خاۋارىجلارنىڭ تارماقلىرىدىن بىرى بولۇپ، خاۋارىجلارنىڭ ئىچىدە بۇلارنىڭ ئادىمى ئەڭ كۆپ، سىياسىي تەشەببۇسى ئەڭ چېكىدىن ئاشقان. باشلىقى نافىئ بىننى ئەزەرق (؟ - 685). ئەزەرقنىڭ كۆپلۈك ئاتالغۇسى ئەزارىقە دېگەن تەلەپپۇز تەرجىمىسى بولغاچقا، شۇنداق ئاتالغان. 684 - يىلى ئىبنى ئەزرەق بەسرە شەھىرىدە بۇ شەھەرنىڭ ۋالىسىنى ئېتىۋېتىپ، ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى بىلەن قوراللىق جەڭ قىلماقچى بولۇۋاتقاندا، شەھەر ئىچىدىكى خاۋارىجلار ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. ئىبنى ئەزرەق قوشۇنىنى باشلاپ بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى ساسلىققا ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى بەزى جايلارغا بېرىپ، تارقاق قوراللىق كۈرەشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئەزەرىقە مەزھىپى شەكىللەندى. ئىبنى ئەزرەق كىشىلەرگە <قۇرئان كەرىم> دىكى <>نۇھ ئېيتتى: پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن. ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ شۈبھسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ پەقەت كاپىر بولىدۇ. (71 - سۈرىنىڭ 26 -، 27 - ئايەتلىرى) دېگەن ئايەت بىلەن بېشارەت بەردى. بۇ مەزھەپنىڭ قارىشىچە، خاۋارىجلاردىن باشقا مۇسۇلمانلار مۇرتەددۇر. بۇ مەزھەپكە ئۆتۈش مۇراسىمىنى قايتا بەجا كەلتۈرمىگەنلەرنى خوتۇن - بالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش كېرەك؛ بۇ مەزھەپ ئەزالىرىنىڭ دۈشمەن بىلەن ھەر قانداق مۇرەسسە قىلىشىغا يول قويماسلىق، <تەقىيە> پرىنسىپىنى يولغا قويۇشقىمۇ قارشى تۇرۇش كېرەك، ئۇنداق قىلمىغانلارنى ئاسىيلىق گۇناھى بىلەن جازالاش كېرەك؛ بۇ مەزھەپتە جەڭگە قاتنىشالايدىغان تۇرۇقلۇق جەڭگە قاتنىشىشتىن قاچقان مۇسۇلمانلار دىندىن يۈز ئۆرىگۈچى ھېسابلىنىدۇ. دىندىن يۈز ئۆرىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك؛ بۇ مەزھەپتىكى ئۈممەتلەر بىلەن باشقا مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا نىكاھ ۋە مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش مۇناسىۋىتى بولماسلىقى كېرەك؛ باشقا مەزھەپتىكىلەر بوغۇزلىغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولمايدۇ، دەپ قارىدى. ھەر قانداق ئەھۋالدا دۈشمەننىڭ بايلىقىغا كوللېكتىپ ئىگە بولۇشقا بولىدۇ، دەپ ھېسابلىدى. ئۇنى شەخسلەرنىڭ يېۋىلىشىنى ھارام قىلدى. بۇ مەزھەپ كۇپپارلارغا بىر قەدەر كەڭ قورساق بولدى. بىگۇناھ يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلارنى ئۆلتۈرۈشنى چەكلىدى. ئەزارىقە پرسىيىنىڭ جەنۇبىدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، كەرمان، فارس ۋە شەرقتىكى ئۆلكىلەرنى بىر مەھەل ئىدارە قىلىپ، ئۇمەۋىيە سۇلالىسىغا ئېغىر تەھدىت سالدى. بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدە تەشەببۇسى چەكتىن ئېشىپ كېتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەبلەر بىلەن مەۋالىلەر بۆلۈنۈپ كەتكەچكە، خەلىپە قوشۇنىنىڭ كۆپ قېتىم باستۇرۇشى بىلەن بۇلارنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىراق ۋالىسى ھەججاجنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن يوقىتىلدى. ئۇنىڭ قالدۇقلىرى تېخىمۇ كىچىك مەزھەپلەر بولۇپ ئۇيۇشتى.