Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەئراف
بىئولوگىيە
ئىسلام دىنىدا ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولۇپ، (1) جەننەت بىلەن دوزاخ ئوتتۇرىسىدىكى ئېگىز توساق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلىدۇ: <ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسما بولىدۇ. توسمىنىڭ ئۈستىدە (ئەئرافتا) ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاختى ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر (ئەھلى ئەئرافلار) بولىدۇ. ئۇلار ئەھلى جەننەتكە: >سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز< دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئەھلى دوزاخ تەرەپكە بۇرالغاندا: >ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى زالىم قوۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن< دەيدۇ. (7 - سۈرىنىڭ 46 -، 47 - ئايەتلىرى). بەزىلەر ئەئراف جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى يەردە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر ئۇنى جەھەننەم دەپ قارايدۇ. (2) تەسەۋۋۇپچىلار ئىچىدە ئاللانىڭ ھەممە يەردە مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئۈستىدە چوڭقۇر خىيالغا چۆمگەن چاغدىكى بىر خىل مەنىۋى پەللە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (3) >قۇرئان كەرىم< دىكى 7 - سۈرىنىڭ ماۋزۇسى.