Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئەڭ ئالىي قانۇن لايىھىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى至尊法案
zhì zūn fǎ àn
1534-يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅷ پارلامېنتقا ماقۇللانغان قانۇن لايىھىسى مەزمۇنى: كورۇلنى ئەنگلىيە چېركاۋىرىنىڭ داھىيىسى دەپ جاكارلاش، ئۇنىڭ چېركاۋلارنىڭ ھەرخىل دىنىي خادىملىرىنى تەيىنلەش ۋە دىنى ئەقىدىلىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بولۇش؛ بۇ قانۇن لايىھىسىنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقانلارنى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى دېگەن جىنايەت بىلەن، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش دېگەندىن ئىبارەت. ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن ئەنگلىيە دۆلەتلىك چېركاۋ دەپ ئاتالغان، ئانگىكان چېركاۋى دەپمۇ تەجىمە قىلىنغان. 1559-يىلى كورۇلىۋا ئېلىزابېت Ⅰ بۇ قانۇن لايىھىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.