Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئەخمەد دانىش
دۇنيا تارىخى
阿赫玛德.多尼什
ā hè mǎ dé .duō ní shén
(1827 - 1897) تاجىك يازغۇچىسى، پەيلاسوپ، مەرىپەت ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. ئەسلى ئىسمى ئەھمەد مەخدۇم. ئىسلام ئىمامىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مەدرىستە ئوقۇغان. ياشلىق دەۋرىدە بۇخارانىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي، سىياسىي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشنىڭ يولىنى ئىزدىگەن ھەمدە فېئوداللىق تۈزۈمنى ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمگە ئۆزگەرتىشنىڭ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ لايىھىسىنى فېئوداللار رەت قىلغانلىقتىن، ئىسلاھاتچىىق خام - خىيالىدىن ۋاز كەچكەن. ھۆكۈمرانلارنىڭ زوراۋانلىقى ۋە زالىملىقىنى سۆكۈپ، ئاممىنى قانلىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. ئىسلام دىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەلىماتىغا قارشى تۇرۇپ، دۇنيانى بىلگىلى بولىدۇ دېگەن قائىدىنى قوغدىغان بولسىمۇ، ئىدېئالىستىك نۇقتىئىنەزەردىن تولۇق قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن. <ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ۋەقەلەر>، <ئالىيجاناب بۇخارا ئەمرىنىڭ قىسقىچە تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.