Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەخلاق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خۇلق، قىلىق، پېئىل؛ ئەدەپ، ئەخلاق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەردەم، ئەخلاق، پەزىلەت، سۈپەت (بىرلىكى<خۇلق>).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىلىك جەمىئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي تۇرمۇشىنىڭ مىزانى.
ئەدەبتىن ئەلا مىزان يوق. ئالىيجانابلىق كىيىمدە ئەمەس، ئەخلاقتا. پەزىلەت بەخىتكە ئېرىشتۈرىدۇ. يۇقىرى پەزىلەتلىك دوستى يوق كىشىنىڭ ھاياتى قاراڭغۇ. ئەخلاق - پەزىلەت _ دوستلۇقنىڭ ئاساسى. ئەدەب - ئەخلاق بازاردا سېتىلماس. ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئەردەم، ئەركان، ئەھكامىلىرىنىڭ ھازىرقىغا لايىقراقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.
پسىخولوگىيە
كىشىلەرنىڭ ھەر بىر جەمئىيەتكە خاس ھەرىكەت نورمىلىرىنىڭ يىغىندىسى. ئۇ ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ئادالەت بىلەن ئادالەتسىزلىك، خالىسلىق بىلەن يان بېسىش، سەمىمىيلىك بىلەن ساختىلىق قاتارلىق ئەخلاقىي ئۇقۇملار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىگە باھا بېرىدۇ ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدۇ. تۈرلۈك شەكىلدىكى تەربىيىلەر ۋە جامائەت پىكرىنىڭ كۈچى ئارقىلىق كىشىلەردە مەلۇم بىر ئىشەنچ، ئادەت ۋە ئەنئەنىلەر شەكىللىنىدۇ ھەم ئۇلار رول ئوينايدۇ. ئەخلاق ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيىسىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى مۇئەييەن جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي بازىسى بەلگىلەيدۇ، ئۇمۇ ئەنە شۇ جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي بازىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان، ھەممە دەۋرگە، بارلىق سىنىپلارغا باب كېلىدىغان ئەخلاق يوق. ھەر قانداق ئەخلاق تارىخىيلىققا، سىنىپىي جەمئىيەتتە كۈچلۈك سىنىپىيلىققا ئىگە، بۇرژۇئازىيە بىلەن پرولېتارىياتنىڭ ئەخلاقى تۈپتىن قارىمۇ قارشى ئىككى خىل ئەخلاق بولۇپ، بۇرژۇئازىيە ئەخلاقىنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىسى شەخسىيەتچىلىك. ئۇ ئېكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدۇ. پرولېتارىيات ئەخلاقى كوممۇنىستىك ئەخلاق بولۇپ، ئۇنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىسى كوللېكتىۋىزم ۋە بارلىق ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىدىن ئىبارەت. پرولېتارىيات ئەخلاقى پرولېتارىيات بىلەن ئەمگەكچى خەلق مەنپەئىتىنىڭ ئىنكاسى، پرولېتارىيات خەلق ئھممىسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئىنسانلارنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى بىر خىل مۇھىم روھىي پىشاڭ، ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ ئالىيجاناب ئەخلاقتۇر.