Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەۋتاد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرلىكى: ۋەتەد. قوزۇقلار. تايانچىلار.
قەبىلە پېشىۋالىرى، بىرەر جامائەتنىڭ ئۇلۇغ، ھۆمەرتلىك كىشىلىرى؛ ئەۋلىيالار؛ تۆت ئەۋلىيانىڭ باشلىقى؛ خۇداغا يېتىشكەنلەر.
ئىككى ھىجالىق ئارزۇ رۇكنى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «تۈۋرۈك»، «قوللىغۇچى» دېگەنلىك بولۇپ، قۇتىب باشچىلىقىدىكى تەسەۋۋۇپچى ئەۋلىيالارنىڭ دەرىجە تۈزۈمىدە يۇقىرى قاتلامدىكى ئەزالار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھۇجۋىرىنىڭ «كەشغۇل مەھجۇب» ئەمرىگە ئاساسلانغاندا، تەسەۋۋۇپچى ئەۋلىيالار ئىچىدە ئاران تۆت ئادەم ئەۋتادقا مەنسۇپ بولالايدۇ؛ ئۇلار «مۇقەددەس مەھكىمە شەرئى» نىڭ ئاقساقاللىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلاردا گۇناھكارنى قويۇۋېتىش ياكى باغلاپ قويۇش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئورنى يەتتە ئەبرار (« توغرىلار» دېگەن مەنىدىكى سۆز) دىن ، 40 ئابدال («ۋەكالەتچى» دېگەن مەنىدىكى سۆز) دىن ۋە 300 ئەخيار («ياخشى ئادەم» دېگەن مەنىدىكى سۆز) دىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.