Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەتىۋارلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
چوڭ كۆرمەك، ھۈرمەتلىمەك، ئەتىۋار كۆرمەك.
تۇردىئاخۇن ئاكا خەلق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە ياراتقان بولغاچ، كىشىلەر ئۇنى ئەتىۋارلايتتى.
ئاسرىماق، قەدىرلىمەك، قىممەتلىك دەپ بىلمەك.
ئۇلار ئاتىسى بەرگەن بۇ بايلىقنى ناھايىتى ئەتىۋارلاپتۇ.
ئەزىز كۆرمەك، ئەزىزلىمەك، ئارزۇلىماق.
ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن بۇ ئارزۇلۇق بالىسىنى جېنىدىنمۇ بەك ئەتىۋارلايدىكەن.