Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئەتىرگۈل
دائىرە: بىئولوگىيە政瑰
zhèngguī
ئازغان ئائىلىسىگە كىرىدۇ. تىك ئۆسىدىغان چاتقال. شاخلىرى چىڭ، زىچ بولۇپ قاتتىق تۈك ۋە تىكىنى بولىدۇ، كچىىك شېخىدا يۇمشاق تۈك قويۇق ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى 5 - 9 تال، سوقىچاق، گىرۋىكى ھەرە چىشىسىمان، ئۈستى پارقىراق، كۆپ پۈرمىلىك، تۈكسىز، ئاستىنقى يۈزىدە تورسىمان ئاق پاراشوك، قىسقا يۇمشاق تۈك ۋە بەز تەنچىسى بولىدۇ، يۇپۇرماق سېپى بىلەن يوپۇرماق ئوقىدا يۇمشاق تۈك، شالاڭ ئۆسكەن قوۋزاق تىكىنى ۋە تىكەنلىك تۈكچىلەر بولىدۇ؛ تەگلىك يوپۇرمىقىنىڭ كۆپ قىسمى يوپۇرماق سېپىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ. گۈلى يالغۇز ياكى بىر قانچە تال توپلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى بېغىررەك ئاق، خۇش پۇراق بولىدۇ. مېۋىسى يۇمىلاقراق، قىزىل، سىلىق بولۇپ، كاسا يېرىقى ساقلىنىدۇ. ئەسلى ماكانى جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى بولۇپ ھازىر ھەممىلا يەردە ئۆستۈرۈلىدۇ. شەندۇڭ، جياڭسۇ، جېجىياڭ ۋە گۇاڭدۇڭدىن ئەڭ كۆپ چىقىدۇ، گۈلى پۇراقلىق ماتېرىيال قىلىنىدۇ ۋە خۇش پۇراق ماي ئايرىپ ئېلىنىپ، يېمەكلىك ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پۇراقلىق ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەتىرگۈل يەنە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ گۈلى ۋە يىلتىزى دورىغا قوشۇلىدۇ، يەلنى تەڭشەپ قاننى جانلاندۇرۇش رولى بار.
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئاياللار ئىسىملىرى
艾提尔古丽
ài tí ěr gǔ lì
دائىرە: ئۇنىۋېرسال(ئى)
yuè jì huā
月季花
ئۆسۈملۈك
四季红
sì jì hóngDيېزا ئىگىلىك
月季
yuè jìDئۇنىۋېرسال
月季花
yuè jì huāDدېھقانچىلىق
玫瑰
méi guīDدېھقانچىلىق
月季
yuè jìDباغۋەنچىلىك
粉皮绿
fěn pí lǜDيېزا ئىگىلىك
玫瑰
méi guīDباغۋەنچىلىك
牡丹月季
mǔ dān yuè jìDتېببىي
ئەتىرگۈل (ئازغان ئائىلىسىدىكى ئەتىرگۈلنىڭ گۈلى )
月季花
yuè jì huāDئۇنىۋېرسال
月季
yuè jìDئۇنىۋېرسال
玫瑰
méi guīDئۇنىۋېرسال
蔷薇
qiáng wēiDئۇنىۋېرسال
蔷薇花
qiáng wēi huāDئورمانچىلىق
月季
yuè jì
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
月季花
yuè jì huā
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، ئازغانغا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، يۇمران غولىدا
شالاڭ ئىلمەكلىك تىكەنلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقچىلىرى
ئۈچ ~ بەش تال، شەكلى ئۇزۇنراق سوقىچاق، يوپۇرماق گىرۋىكى ھەرە چىشىسىمان، قۇلاقسىمان يوپۇرماق تېگى بولىدۇ، گىرۋىكىدە بەز
تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ گۈلى تاق ياكى توپلىشىپ ئۆسۈپ، قات - قات ئېچىلىدۇ، رەڭگى ھال، ئاق، قىزىل ياكى سۇس سېرىق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈل غۇنچىسى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى دەسلەپ ئېچىلغاندا گۈلىنى ئۈزۈۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ
ياكى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ، كۈز پەسلىدە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئەتىرگۈل ۋە زاراڭزا چېچىكىنىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز
كەلمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام ئەتىرگۈلنى 15 گرام گۈلبوغۇن بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل ئەتىرگۈل يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان ئىششىپ
ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەتىرگۈلنى قول بىلەن ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان ھەرخىل ئىششىقلارغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىختىساسلىق
دائىرە: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر
ئۆسۈملۈكلەر
(1) ئىككى قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز بارمىقى ئارىلىقىنى تەخمىنەن 5 سانتىمېتىر تۇتۇپ، بارماقلىرى ئۇچىنى قارىمۇقارشى قىلىدۇ ھەمدە ئوتتۇرىدىن ئىككى تەرەپكە يايسىمان يۆتكىگەچ، باشمالتىقى ۋە بىگىز بارمىقى ئارىلىقىنى كىچىكلىتىدۇ. (2) ئوڭ قولنىڭ بىگىز بارمىقىنى سول مۇشتىنىڭ تۆت بارمىقى ئۈگىسىگە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ بىر _ بىرلەپ تەگكۈزۈپ قويىدۇ.(3) «كاككۇك گۇلى» دېگەن سۆزىنىڭ قول ئىشارىتىنىڭ (2) سىگە ئوخشاش.
月季花
yuè jì huā
GetWord كۇللىياتى
9玫瑰
méi gui
月季花
yuè jì huā9月李
月李(蔷薇科)
yuè lǐ
月季
yuè jì
薇
wéi
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.