Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەتلىك
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كانارا، گۆش ئېسىلىدىغان ئىلغۇ.
سويۇلىدىغان قويمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. ئەتلىك قوي _ گۆش قويى؛ ئەتلىك كىشى _ ئەتلىك كىشى يەنى سېمىز كىشى. گۆشكە ئىگە بولغان كىشىمۇ (يۇمشاق تەلەپپۇز قىلىنىدىغان «ك _ گ» بىلەن) « ئەتلىگ كىشى» دېيىلىدۇ.
1 - 137
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قۇشخانا، گۆش پارچىلايدىغان جاي؛
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئېتى بار، ئەت قونغان، سېمىز.
ئامانگۈلنىڭ ئەتلىك يۈزى سەل قىزارغان بولسىمۇ، لېكىن دەرھاللار ئۆزىنى تۇتۇپ ئۇمۇ بوش كەلمىدى.
كۆچمە. گۆشى بار، گۆش قىسمى قېلىن (قوغۇن - تاۋۇز، كاۋاك ۋە ئۆرۈك، شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلەرگە نىسبەتەن).
ئەتلىك قوغۇن. ئەتلىك شاپتۇل.
كۆچمە. مۇنبەت، ھوسۇللۇق (تۇپراققا نىسبەتەن).
ئەتلىك يەر. ئەتلىك توپا.