Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
夜体闪烁计数器
بىئولوگىيە
سۇيۇقلۇق سنتىللاتسىيىلىك سانىغۇچ
رادىئو ئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ كۈچىنى ئۆلچەيدىغان، ئانالىز قىلىدىغان، خاتىرىلەيدىغان بىر خىل ئەسۋاب. تەركىبىدە β 〔 رادىئوئاكتىپلىق بولغان ئەۋرىشكىنى يالتىراق نۇرلۇق ئېرىتمە (مەسىلەن، 2.5 - دى بېنزو ئوكسازول، 1.4 - پارا 2 ـ 5 بېزوئوكسازول - بېنزول قاتارلىق) گە قويۇلىدۇ. يالتىراق نۇرلۇق ئېرىتمە β ئېنېرگىيىنى سۈمۈرۈۋېلىپ يالتىراق نۇر چىقىرىدۇ. يالتىراق نۇر فوتونى بۇ ئەسۋابنىڭ نەيچىسىنىڭ كاتوتىغا دەل تېگىپ، ئاندىن فوتو ئېلېكترونغا ئايلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېلېكترلىك ئىمپۇلس سىگنالى ھاسىل بولىدۇ. بۇنداق ھاسىل بولغان ئېلېكترلىك ئىمپولس ئامپلىتۇرىسى، دەسلەپكى β زەررىچە ئېنېرگىيىسى بىلەن سىزىقلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. شۇڭا ئېلېكترلىك ئىمپۇلىس سىگنال ئامپلىتۇدىسى، β زەررىچە ئېنېرگىيىسىنى ۋاستىلىك ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىنىدۇ. سۇيۇقلۇق سىنتىللاتسىيىلىك سانىغۇچىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى شۇكى، ھېسابلاش ئۈنۈمى يۇقىرى (50 ~ %95) بولۇپ، تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك β زەررىچىنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدۇ. شۇڭا نۆۋەتتە ئۇ رادىئاتسىيىلىك تەكشۈرۈش پرىبورى بولۇپ قالدى. بىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنادا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا.