Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئەستە قالدۇرۇش
پسىخولوگىيە
识记
shí jì
شەيئىلەر ئوبرازىغا ئېرىشىش ھەمدە ئۇنى تەجرىبىگە ئايلاندۇرۇش جەريانىدۇر. يەنى بۇ جەريان مېڭە پوستىلىقىدا شەيئىلەر ئىزىنىڭ ھاسىل بولۇشى، شۇنىڭدەك ئەستە قالدۇرۇلىدىغان ماتېرىيال بىلەن كىشىدە مەۋجۇت بولغان بىلىم ۋە تەجرىبە ئوتتۇرىسىدا ئەستە قالىدىغان ماتېرىيال بىلەن كىشىدە مەۋجۇت بولغان بىلىم ۋە تەجرىبە ئوتتۇرىسىدا ئەستە قالىدىغان ماتېرىيالنىڭ ئايرىم قىسمى ياكى ئېلېمنتلىرى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىققا كېلىشىدىن ئىبارەت. ئەستە قالدۇرۇش خاتىرىنىڭ بىرىنچى قەدىمى، يەنى خاتىرە پائالىيىتى ئەستە قالدۇرۇشتىن باشلىنىدۇ. مەقسەتلىك بولۇش _ بولماسلىقىغا قاراپ ئەستە قالدۇرۇش ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ؛ ئۇنىڭ بىرى ئاڭلىق ( ياكى ئىختىيارىي ) ئەستە قالدۇرۇش؛ يەنە بىرى ئاڭسىز ( ئىختىيارسىز ) ئەستە قالدۇرۇش.
ماتېرىيالنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەستە قالدۇرۇش ۋاقتىدا چۈشىنىشنى ئاساس قىلغان _ قىلمىغانلىقىغا قاراپ يەنە ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ: بىرى مىخانىڭ ئەستە قالدۇرۇش؛ يەنە بىرى چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت.