Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەسسالام
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆرۈشكەندە دېيىلىدىغان تەكەللۇپ سۆزلەر.
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېسە، «بەش تەڭگە بەر» دەپتۇ. ئەسسالام، _ دەپ ئېڭىشىپ سالام بەردى قىز ئاتىسىغا. بازاردا سالام يوق، نامازدا تەكلىپ. سالامغا ئىلىك _ سۈننەت. _ ياخشىمۇسىز؟ _ دېدى يىگىت قىزغا قول ئۇزىتىپ. تىنچلىقمۇ، ئوندان تۇرۇۋاتاملا دەپ تىنچ - ئامانلىق سورىشىپ كەتتى ئۇلار. تازىكەنلا، _ دېدى تۇرپانلىق دوستۇم كۆرگەن ھامان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كىشىلەر ئۇچراشقاندا ئېيتىلىدىغان تەكەللۇپ سۆز: ساق - سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
سالامغا جاۋابەن ئېيتىلىدىغان تەككەللۇپ سۆز: سىزمۇ ساق - سالامەت تۇرىدىڭىزمۇ؟
<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم> دېسە، <بەش تەڭگەمنى بەر> دەپتۇ. شېرىنئاي ئەسسالام دەپ ئۆيگە كىردى. بازاردا سالام يوق، نامازدا تەكلىپ. بوۋايغا سالام بەردىم، ئۇ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، دېدى ۋە ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سالاملاشقاندا ئېيتىلىدىغان، <سالامەت، ئامان بولۇڭ> مەنىسىدىكى ئادەت سۆزى.
- ئەسسالام، - دەپ ئېڭىشىپ سالام بېرىپتۇ قىز بوۋىسىغا.