Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەسھابە قېرىنداشلار مەزھىپى
دۇنيا تارىخى
خرىستىئان دىندىكى بىدئەت مەزھەپ، تەخمىنەن 1260-يىلى ئىتالىيىدە دېھقاندىن كېلىپ چىققان سېگرابللى (؟ - 1300) پارما (شىمالىي ئىتالىيىگە جايلاشقان) دا بەرپا قىلغان. بۇ مەزھەپتىكىلەر چېركاۋ ۋە دەھرىي فېئوداللارغا قاتتىق دەككە بېرىپ، دەسلەپكى خرىستىئان دىنىي جامائەسىنى قايتىدىن قۇرۇپ، پۇقرالىق ۋە مال - مۈلۈك باراۋەرلىكىنى يولغا يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان؛ ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكى يوق بولۇپ، ئۆزئارا ئاكا ـ ئۇكا، ئاچا - سېڭىل بولۇشۇپ نامراتلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن، شۇڭا شىمالىي ئىتالىيىدىكى بىرمۇنچىلىغان دېھقانلار ۋە بىر قىسمى شەھەر ـ كەمبەغەللىرىنى جەلپ قىلغان. كېيىن پاپانىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. 1300-يىلى سېگارېللى قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، مۇرىتى دولكىنو ئۇنىڭ ۋارىسى بولغان. 1304 - 1307-يىللىرى دولكىنونىڭ رەھبەرلىكىدە دېھقانلار - كەمبەغەللەر قوزغىلىڭى پارتلىغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، ئەسھابە قېرىنداشلار مەزھىپىنىڭ ۋەز - نەسھىەتلىرى داۋاملىق شىمالىي ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە گېرمانىيىگە تارقالغان.