Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ھوشىنى يوقاتقان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆتكەن تەسىراتنى كاللىسىدا ساقلاش قابىلىيىتى.
ئانا نەسىھىتىنى ئەستە چىڭ ساقلا. ئانا، ئېسىمدە، ئاق سۈت بېرىپ باققانلىرىڭ ! يادىڭدىمۇ بەلكى، سەن تۇغۇلغان ئان ھەممە كۈلگەنىدى، سەن يىغلىغان؛ شۇنداق ياشىغىنكى كېتەر چېغىڭدا ھەممە يىغلاپ قالسۇن، سەن ماڭغىن خەندان. سەن بىلەن بولغان خۇشال پەيتلەر ھازىرمۇ خاتىرەمدە تۇرىدۇ. چىمچىم ئەتتىم چىم بىلەن، كاۋاپ ئەتتىم زىخ بىلەن، ئېسى - يادىم سەن بىلەن، سەن يۈرۈسەن كىم بىلەن! ئۇ كەلمەي قالمىسۇن، سەمىگە سەپ قوي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ بىلىش، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى.
ئەس كىرمەك، ئېسى بار، ئېسى يوق، ئېسىنى يىغماق. ئېسىڭنىڭ بارىدا ئېتىكىڭنى ياپ. ئەر قېرىسا كۈچدىن قالار، خوتۇن قېرىسا ئېسىدىن. خۇدى بار، خۇدى جايىدا، خۇدىنى يوقاتماق. خۇدى يوق ئادەمدىن قورق. تۆگە بۇغرىغا كىرسە خۇدىنى بىلمەس. ھوشى بار، ھوشى يوق، ھوشىنى تاپماق. قوي قىرقىغاننى كۆرگەن ئۆچكە ھوشىدىن كېتەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھايۋانلار، ئۇچار قاناتلارغا بېرىلىدىغان ئوزۇق.
<ھەلەپ> سامانغا كېپەك ئارىلاشتۇرۇلغىنى.
<پوم> تۆگە ئوزۇقى، قوناق ئونىدىن قىلىنىدۇ.
قۇشنى يەم ئالدايدۇ، ئادەمنى گەپ. ئاتنى قامچا بىلەن ھەيدىگۈچە، يەم بىلەن ھەيدە. بوغۇزنى پۈتۈن يېسە، ئايىغىدىن تۈتۈن چىقار. قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە توۋار تېشەر. ئىنەكنىڭ سۈتى يېلىنىدە ئەمەس، ھەلەپتە. تۆگىنى پوم باقىدۇ. پومنى تۆگە كۆتۈرىدۇ. يەم - خەشەك تەق بولسا، مال تەل بولىدۇ. قۇش قانچە ئېگىز ئۇچسىمۇ دېنىنى يەردىن يەر. دان ئۈچۈن، تاجىدار خوراز بېشىنى يەرگە ئېگىدۇ. ھايۋانات باغچىسىدا شىرغا ئەس بەردى.
شىۋىلەر
سېزىم، ھۇش، ھېسسى خاتىرە.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يىرتقۇچ ھايۋانلارغا كېسىپ بېرىلىدىغان گۆش، يەم.
1 - 50
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەمنىڭ بىلىش، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى؛ ئاڭ، زېھىن، ھوش، ئەقىل.
ئېسىنى يوقاتماق. ئېسىنى يىغماق. ئېسىنى تاپماق. ئېسىنى بىلمەك.
ئېسىڭ بارىدا ئېتەك ياپ (ماقال).
يادىدا ساقلاش، يادقا ئېلىش قابىلىيىتى؛ ياد، خاتىرە.
ئەستە تۇتماق. ئەستە قالدۇرماق. ئەسكە ئالماق. ئەسكە سالماق. ئېسىگە كەلمەك.