Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەرشتىكى چۈش
دۇنيا تارىخى
كىتاب ئىسمى. چاۋشىيەننىڭ كلاسسىك رومانى، لى سۇلالىسىدىكى جىن ۋەنجۇڭ (نامى شىپۇ) يازغان. بۇ روماننىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى ليۇ گۇەن ھەزرەتنىڭ شاگرىتى شىڭ چېن بىلەن نەن نىڭۋىي خانمنىڭ سەككىز ھۈر قىز شاگىرىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدازېمىنگە چۈشۈپ، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق ئائىلە قۇرۇپ، بۇ دۇنيادىكى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەنىسىزلىكىنى چۈشەنگەن، ۋەھاكازالار. بۇنىڭدا فېئودال كىشەنگە قارشى تۇرىدىغان، ئەركىن تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان مەنزىرە ناھايىتى چىرايلىق ئەدەبىي تىلدا تەسۋىرلەنگەن. بۇ كىتاب 1687 - 1688-يىللاردا پۈتكەن. چاۋشىيەن يېزىقىدا يېزىلغان بولۇپ، چاۋشىيەننىڭ تىل - يېزىق ۋە ئەدەبىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.