Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەرشىدىن خوجا مازىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مازار شىنجاڭدىكى كۇچا ناھىيىسىنىڭ مازار باغ يېزىسىدا بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەرشىددىن خوجا كۇچادا دىننى تەبلىغ قىلغاندا مەدرىسە ئاچقان. ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كىشىلەر بۇ يەرنى « مازار باغ » دەپ ئاتىغان. مازارنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 30 مو بولۇپ، قەبرىستانلىق قىلىنغان. بۇ يەردە مىڭ تۈپتىن ئارتۇق توغراقتىن باشقا، ئالاھىدە قۇرۇلۇش بولمىغان. ياقۇببەگ كۇچادىكى راشىددىنخاننى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن مازارنى كېڭەيتىپ سالدۇرغان. ئەرشىددىن خوجا مەقبەرىسىنىڭ ئۈستىگە چوڭ گۈمبەز ياساتقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈچ مەسچىت ۋە بىر مەدرىسە سالدۇرغان. ھەر يىلى بارات ئېيىدا جايلاردىن مۇسۇلمانلار بۇ يەرگە كېلىپ مازارنى تاۋاپ قىلىدۇ.