Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەررىھلە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <سەپەرنامە> دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ بۇرۇن خەنزۇچە يېزىلغان خاتىرىدۇر. بۇنى تاڭ دۇخۇەي تۈزگەن. بۇ زات <قانۇنلار قامۇسى> نىڭ مۇئەللىپى دۇيۇزۇنىڭ ئوغلى بولۇپ، 751 - يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ سانغۇنى گاۋشەنزى بىلەن غەربكە يۈرۈش قىلىپ، تالاس ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسىر چۈشۈپ، ئەرەب يۇرتلىرىدا 10 نەچچە يىل تۇرۇپ، ئاندىن دېڭىز يولى بىلەن دۆلەتكە يېنىپ كېلىپ، كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى كىتاب قىلىپ يازىدۇ. كىتابنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى يوقىلىپ كەتكەن. لېكىن <قانۇنلار قامۇسى> نىڭ 193 -، 194 - جىلدلىرىغا ئۇ كىتابنىڭ بىر قىسمى كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا ئىسلام ئېتىقادى، ئاساسىي قائىدىسى قاتارلىقلار قىسقىچە خاتىرىلەنگەن.