Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەرلىك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
مەرتلىك، باتۇرلۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەر _ ئەزىمەتكە خاس ئىش - پائالىيەت.
ئەرلىك قىلمىغان ئەر ئەمەس. ئەرلىكنىڭ تەكتى بىرلىك. يىگىتلىككە ھەشەم كېرەك. ھاجىلىققا ھەرەم. ئەزىمەتلىك _ ئەرنىڭ خىسلىتى. مەد بول، ئوغۇل بالىلىق قىل. ئوغۇل بالىچىلىق ئوغۇل بالىنىڭ ئىشى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان خىسلەت.
قورققاقلىق، قورقۇنچاقلىق، توخۇ يۈرەكلىك
ھەممە نېمىدىن قورقىدىغان ئىللەت.
باتۇرلۇق بىلەكتە ئەمەس، يۈرەكتە. باتۇرلۇق بىلەن ئۆلگەن يىگىتكە ئانىسى يىغلىماس. تەقدىر قەھرىمانلىقنى قوللايدۇ. ئەرلىك ئەلدىن ئالقىش ئالىدۇ. باتۇرلۇق ئادەمنى كۆككە چىقىرار، قورققاقلىق زىندانغا سالار. قورقۇنچاقلىق بىلەن ئىش تاڭ ئاتمايدۇ. توخۇ يۈرەكلىك قىلساڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ خار قىلىسەن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەرلىك، مەرتلىك.
1 - 141
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. پەقەت ئەر كىشىلەردىلا بولىدىغان، ئەرلەرگە خاس.
ئەرلىك جىنس .
ئى. ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسى، ئەرەنلىك.
بۇ ئىككىسىنىڭ ئەرلىكى ئاجىز.
سۈپ. ئېرى بار، ئەرگە تەگكەن، تۇرمۇشقا چىققان.
ئەرلىك خوتۇن.
ئى. ئەرلەرگە خاس بولغان مەردلىك، باتۇرلۇق، مەردانىلىك، قەھرىمانلىق، جاسارەت، غەيرەت.
يامۇلنىڭ تېگى زەيلىك، بۇ دەردلەرگە نېم دەيلىك، ئەرلىككە بەلنى باغلاپ ياخشىلىقنى ئىزدەيلىك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەركەكلىك، ئەركەككە خاس خۇسۇسىيەت بار كىشى.