Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئەركىن ئېنېرگىيە
دائىرە: بىئولوگىيە自由能
zìyóunéng
تۇراقلىق تېمپېراتۇرا ۋە تۇراقلىق بېسىم ئاستىدا ئىش قىلىدىغان سىستېمىدا ئىشلىتىلىدىغان ئومۇمىي ئېنېرگىيىدىن ئىبارەت. Gibb تۆۋەندىكىدەك تەڭلىمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان:
△G = △H - T.△S
بۇ يەردىكى H - ئېنتالپىيە، S - ئېنتروپىيە، T - مۇتلەق تېمپېراتۇرىدۇر. تېرمودىنامىكا ئىككىنچى قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئۆزلۈكىدىن يۈرىدىغان بىر رېئاكسىيىدە ئەركىن ئېنېرگىيە ھامان تۆۋەنلەپ △G<O بولىدۇ، رېئاكسىيىنى يۈرگۈزگۈچى كۈچ بىلەن ئەركىن ئېنېرگىيىنىڭ تۆۋەنلىشى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. بىر ماددا تەركىبىدىكى ئەركىن ئېنېرگىيە قانچىكى ئاز بولسا، ئۇ شۇنچە تۇراقلىق بولىدۇ △G>O بولغاندا، يەنەرېئاكسىيىلەشكۈچى ماددىنىڭ ئەركىن ئېنېرگىيىسىدىن رېئاكسىيىسىنىڭ ئەركىن ئېنېرگىيىسىدىن چوڭ بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ رېئاكسىيە ئۆزلۈكىدىن يۈرەلمەيدۇ. ئورگانىزمنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە كېرەكلىك ئېنېرگىيە خىمىيىۋى ئۆزگىرىشلەردىن كېلىدۇ، ئورگانىزمدا پەقەت خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەردىن قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيىلەرلا ئىشلىتىلىدۇ. ئەركىن ئېنېرگىيىنىڭ جانلىقلار تېنىدە ئىشلىتىلىش جەريانى ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ.
پارقازان، بېسىملىق باك,فىزىكا,ئۇنىۋېرسال,تېببىي,پوچتا - تېلېگراف,خىمىيە,ئېلېكترون، ئۇچۇر
自由能
zì yóu néng
GetWord كۇللىياتى
9自由能
zì yóu néng
自由能
zì yóu néng
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.