Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەركەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنساننىڭ ئىككى خىل جىنسىنىڭ بىرى، ئايال جىنسنىڭ قارشىسى، بەدىنىدە ئاتىلىق ئۇرۇق ھۈجەيرىسى يېتىشتۈردىغىنى
«ئەركەك» يەنە ھايۋانلارغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
ئەر كىشى. ئەرخەق. بىر سۆز بىلەن ئەر ئۆلمەس. ئەرنىڭ دۈشمىنى ئەركە خوتۇن. ھەقىقىي ئەركەكنىڭ چۇلۋۇرى بىلەن تىزگىنى ئۆز قولىدا. ئەركەك قوي، ئەركەك موزاي. ئەرەن كۆركى ئەقىل.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەركەك.
ھەربىر ھايۋاننىڭ ئەركىگى. ئەركەك تاقاغۇ _ خوراز.
1 - 150
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئەر
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئەر جىنىسقا مەنسۇپ بولغان كىشى، ئەر كىشى؛ ئەر.
ئۇ قىز يەنە باشقا بىر ئەركەك كۈلۈشۈپ، پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاچقا، ئۇ باشتىن - ئاخىر شۇ قىزدىن كۆز ئۈزەلمىدى.
سۈپ. ئەركەك جىنىستىكى (ھايۋانلار، قۇشلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە نىسبەتەن).
ئەركەك قوي. ئەركەك مۈشۈك. ئەركەك چېچەك.
سۈپ. كۆچمە. تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل سايمانلارنىڭ مۈرۋىتى (تۆشۈكىگە كىرىپ تۇرىدىغان قىسمى).
ئەركەم تۇرۇم، ئەركەك جەندىر،
سۈپ. ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان، قورقماس، مەرد، راستچىل.
ئەركەك بولسىڭىز ۋاپادارىڭىزنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياقىڭىزنى يىرتىپ يىغلاڭ.
سۈپ. ئاتىلىق گۈللىرىلا ئېچىلىپ دان ئالمايدىغان.
ئەركەك تۈپ. ئەركەك كەندىر