Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەر يەتمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوغۇل - قىزلار جىسمانىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلمەك.
سەن بالاغەتكە يەتكۈچە، ئەقلىڭ كامالەتكە يەتسۇن. ئەر يەتكەن يىگىتتىن ھەزەر ئەيلە. بويىغا يەتكەن قىزدا ئوي تولا. ئوغلۇڭ ۋايىغا يەتسە، ئابرويۇڭ جايىغا يېتىدۇ. يېشىغا يەتكەننىڭ بېشىنى ئوڭلا. قىز رەسىدە بولسا، رەستىگە يۈگۈرىدۇ. بويىغا يەتكەن بوينىدىن بىلىنەر.