Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەرەن
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەر، كىشى، ئادەم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنساننىڭ ئىككى خىل جىنسىنىڭ بىرى، ئايال جىنسنىڭ قارشىسى، بەدىنىدە ئاتىلىق ئۇرۇق ھۈجەيرىسى يېتىشتۈردىغىنى
«ئەركەك» يەنە ھايۋانلارغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
ئەر كىشى. ئەرخەق. بىر سۆز بىلەن ئەر ئۆلمەس. ئەرنىڭ دۈشمىنى ئەركە خوتۇن. ھەقىقىي ئەركەكنىڭ چۇلۋۇرى بىلەن تىزگىنى ئۆز قولىدا. ئەركەك قوي، ئەركەك موزاي. ئەرەن كۆركى ئەقىل.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەرەن تۈز _ تارازا (مىزان) يۇلتۇزىنىڭ نامى. ئاي مەنزىللىرىدىن بىرىنىڭ نامى شۇنداق دەپ ئاتىلىدۇ.
1 - 104
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەرلەر.
«ئەر» سۆزىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل كۆپلۈك شەكلى.
1 - 104
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
(ا - ئېلىف» قاتتىق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) ئېغىل، ئاران، قوتان.
1 - 105
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يىگىت؛ قەھرىمان؛ ئەركەك؛ ئېسىل ئادەم
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يىگىت؛ ئەركىشى.
ئەخمەت يۈكنەكى <ئەرەن كۆركى ئەقىل، سۆڭەككە يىلىك> دېگەنىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
يىگىت، ئەركەك، ئېسىل، ئادەم
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
يېتىشكەن، ۋايىغا يەتكەن، جەسۇر، يىگىت ئادەم.