Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەرەبى پاشا
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1839 - 1911) مىسىرنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ئوفىتسېرى، ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكەتنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ئوفىتسېرى، ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكەتنىڭ داھىيىسى. تۆۋەندىكى مىسىردىكى زاگارىگتا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. چاقىرىق بويىچە ئارمىيىگە قاتناشقاندىن كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە پودپولكوۋنىكى بولغان. 1879-يىلى ۋەتەن پارتىيىسى قۇرۇلغاندا ئەنگلىيە، فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى رەھبەر بولغان. 1881-يىلى 1-ئاي ۋە 9-ئايدا مىسىر ئارمىيىسىنىڭ قوزغىلىڭىغا ئىككى قېتىم رەھبەرلىك قىلىپ، مىسىر تەۋەلىكىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاشنى، ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى، ئىچىكى كابىنېتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى تەلەپ قىلغان. 1882 - يىلى 2 - ئايدا بارۇدى باش ۋەزىرلىكىدىكى ۋەتەن پارتىيىسى ئىچىكى كابىنېتنى تەشكىللەپ، ئۆزى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغا 7 - ئايدا ئارمىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، بېسىپ كىرگەن ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە زەربە بەرگەن. 9 - ئايدا تېل
كېبېر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغان. قاھىرە قولدىن كەتكەندىن كېيىن ئەسىرگە چۈشۈپ، سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا) غا سۈرگۈن قىلىنغان. 1901-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن.