Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەردەشىر
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ؟ - 412) ئىران ساسسانىيلار خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇنىڭ بوۋىسى ساسسان پارس ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ئىستاھر شەھىرىدىكى تەڭرى ئىبادەتخانىسىنىڭ كاھىنى بولغان. تەخمىنەن مىلادى 208-يىلى ئاتىسى پاپاك (ساسساننىڭ ئوغلى) نىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئىستاھر رايونىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان. پارسنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، يەنە كىرمان، ئىسفاھان ۋە سۇسىيانا (ھازىرقى خۇرىستان) نى ئىشغال قىلغان. 224-يىلى پارس رايونىدكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە زورو ئاستېر دىنىي كاھىنلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا لەشكەر تارتىپ پارفىيە پادشاھلىقىغا قارشى تۇرغان. سۇسىيانانىڭ ھورمىز تۈزلەڭلىكى (ھازىرقى ئەھۋازنىڭ شەرقىي قىسمى) دىكى جەڭدە، پارفىيە پادىشاھى ئارتابان 5 (209 - 224) نى ئۆلتۈرگەن. 226-يىلى پارفىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى كېتىسفوننى پايتەخت قىلغان. زورو ئاستېر دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان. كېيىن شەرقتە يەنە سسىتان، خۇراسان، مەرۋ بوستانلىقى قاتارلىق جايلاrنى بويسۇندۇۇرپ، قەدىمكى زېمىنى پارفىيەنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋالغان. غەربتە رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 232-يىلى رىم پادىشاھى ئالېكساندر سېۋېرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى سۈلھ تەلەپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان، كېيىن ئەرمېنىيىنى قوشۇۋالغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
جەسۇر، قەھرىمان، ئارسلان يۈرەكلىك يىگىت.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
جەسۇر، قەھرىمان، ئارسلان يۈرەكلىك يىگىت.