Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەرباب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرەر ئىشقا لايىق كىشىلەر، ئىش ئىگىلىرى، پەزىلەت ئىگىلىرى.
ئەمەلدارلار، ئۇلۇغلار:
2. كەئبەئى ئەربابى ھاجەت قاشلارىڭ مېھرابىدۇر،
قىبلەئى ئەھلى مۇھەببەت خاكى دەرگاھىڭ سېنىڭ.
ئاتايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
<رەب> نىڭ كۆپلۈكى: ئىگە، يەر ئىگىسى، تەقسىر، جاناب؛ ئەرباب دانىش - ئالىم، بىلگىر؛ ئەرباب قەلەم - يازغۇچى، ئەدىب، قەلەمكەش؛ ئەرباب زارە - ئاقسۆڭەك بالىسى، بەگزادە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېتىشكەن، تونۇلغان كىشى.
دۆلەت ئەربابلىرى _ دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى. توغرىلىقتىن كېلەر ھەممە ياخشى ئات، ئەرگرىلىكتىن پايدا كۆرمىدى بىر زات. مەشھۇر زات. ئالىي زات. تارىخىي شەخس. ئۇلۇغ شەخىسلەر كەمتەر، ئېھتىياتچان كېلىدۇ.