Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەقلىي قابىلىيەتنى سىناش
پسىخولوگىيە
سىناش ئارقىلىق كىشىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئۆلچەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى، ئەقلىي قابىلىيەتنى سىناشنى دەسلەپ ئىجاد قىلغان كىشى فرانسىيلىك دوختۇر بىنېت ئىدى. 1905 _ يىلى پارىژ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن ئۇ سىمون بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەقلىي قابىلىيەتنى ئۆلچەشنىڭ بىرىنچى قورالىنى ياساپ چىققان. بۇ بىنېت _ سىمون ئەقىل ئۆلچەش جەدۋىلى دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەقلىي سىناش ئارقىلىق ئەڭ ئالدى بىلەن بالىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتى ئۆلچەنگەن، كېيىن چوڭلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى سىناشقا كېڭەيتىلگەن. ھازىر ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە كەڭ قوللىنىلغىنى ستەنفۇ _ بىنېت ئۆلچەش جەدۋىلى، ۋېكسىلېرنىڭ بالىلار ئەقلىي ئۆلچەش جەدۋىلى (WISC)، ۋىكسىلنىڭ چوڭلار ئەقلىي ئۆلچەش جەدۋىلى (WAIS)، ۋىكسىلنىڭ ئوقۇش يېشىغىچە بولغان بالىلار بىلەن ئوقۇش يېشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بالىلار ئەقلىنى ئۆلچەش جەدۋىلى (WPPSI) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.