Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەقىدە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىشەنچ ھاسىل قىلماق؛ ئېتىقادلىق بولماق.
گۇمان قىلماق:
2. تەڭرى خانىن ئەچۇق ئەقىدە قىلىپ،
خەلقدىن روزى ئىستەگەن گومراھ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئېتىقاد، ئىمان، ئىشەنچ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق ئىشەنچ، مەسلەك، ئىمان.
ئېتىقاد - مەنىۋى ئەمگەك. ئېتىقاد - ئىتتىپاقلىقنىڭ ۋاسىتىسى. ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە قارا، ئەقىدىسىگە قۇلاق سالما. ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن، ئەقىدەمگە يىغلايمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
چىن كۆڭۈلدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پىكىر، ئىشەنچ.
رەيھان سادىقنىڭ ئۆز ئەقىدىسى يولىدا جان پىدا قىلىشتىن يانمايدىغان قەتئىي، تەلەپچان، يۈكسەك غايىلىك ئەر ئىكەنلىكىدىن كۆڭلى ئەمىن ئىدى.
بىرەر نەرسە توغرىسىدا شەكىللەنگەن ھۈرمەتلەش ۋە ياخشى كۆرۈش ئادىتى، ئېتىقاد.
ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن. ئەقىدەمگە يىغلايمەن.
ئىشەنچ ۋە ئېتىقادقا ئاساسەن شەك يوق دەپ قارالغان قائىدە ۋە ھۆكۈملەر.
رەيھان ئورنىدىن تۇرۇپ، خۇددى دىنىي ئەقىدىنى يادلاۋاتقاندەك، سالماقلىق بىلەن جاۋاب بەردى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ھەقىدە
ئىشەنچ باغلىماق