Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەپقاچتى گەپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاساسسىز، چىققان يېرىنىڭ تايىنى يوق يوقىلاڭ پاراڭلار.
ئەپقاچتى گەپتە يۈگەن بولماس. كوچا پارىڭى بىئاراملىقنىڭ ئانىسى. ھاڭۋېقىپ يۈرۈش. مىش - مىش گەپلەرگە قۇلاق سېلىش بىلەن ھەرگىز تولۇق بىلىم ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ. ئىدارىدە مىش - مىش سۆزلەر چىقىشقا باشلىدى تالانىڭ گېپى ئەينەكتىن كېرەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئويدۇرما، يالغان - ياۋىداق سۆز.
پاكىت
رېئال ئىش - ھەرىكەت.
پاكىت بەس - مۇنازىرىدىن ئۈستۈن. مىڭ مۆلچەردىن بىر پاكىت ئەلا. ئىغۋانىڭ ئۆمرى كوتا. پىتنىڭ پۇتى ئۇزۇن. ئەپقاچتى گەپتە يۈگەن يوق. بەتلەكلىك مىلتىقتىن سەسكەنگۈچە، پىتنە - پاساتتىن سەسكەن. پىتنە بىلەن پاسات قۇچاقلىشىپ يۈرەر. تالانىڭ گېپى بىلەن ئۆيىمىز بۇزۇلغىلى تاس قالدى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
چىنلىقتىن يىراقلاشقان، قۇلاقتىن قۇلاققا تارقىلىپ يۈرگەن ھەر خىل گەپ - سۆز: «پالانى - پوكۇنى باشلىققا بىر پارچە گىلەم كۆتۈرۈپ بېرىپتىكەن، ئۆيى ھەل بوپتۇ« دېگەندەك ئەپقاچتى گەپلەر قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.