Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەپلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
مۇۋاپىق، قۇلاي، ئوڭۇشلۇق.
نادەم ئۆمىلەپ بىر قەبرە يېنىغا ماڭدى. ۋارىسجانمۇ نادەمنىڭ كەينىدىن شۇ يەرگە بېرىپ ئەپلىك بىر جايغا ئورۇنلاشتى.
چاققان؛ ئەپچىل.
قىزچاقنىڭ ئەۋرىشىم بارماقلىرى ئاجايىپ ئەپلىك ئىكەن.
كۆپ ئىشلارنى قىلالايدىغان، چېۋەر، ماھىر.
قادىرنىڭ قولى ئەپلىك بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ چاچ - ساقاللىرىنى ياساپ قوياتتى.
كۆچمە. ئىناق، ئىتتىپاق؛ يېقىن، ئېجىل.
كەندىر تۈۋىدە كەكلىك، مەن يارىم بىلەن ئەپلىك. ئوڭ يانىمدا چېچى بار، تولغاپ سۆيگىلى ئەپلىك.