Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەنئەنىچىلىك تەپسىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<قۇرئان كەرىم> نى تەپسىر قىلىدىغان ئېقىملارنىڭ بىرى بولۇپ، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەۋج ئالدى. تەپسىر قىلغاندا ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى روھىنى تەكىتلىگەنلىكتىن، شۇنداق ئاتالدى. بۇنىڭغا سەييىد قۇتۇپ، ھۈمەينى، مەۋدۇدىلار ۋەكىللىك قىلدى. رېئال سىياسىي كۈرەش، نەزەرىيىۋى تالاش - تارتىشلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىنى، تۆت خەلىپە دەۋرى (263 - 661) دىكى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى ھەمدە سۈرە - ئايەتلەرنى تاللاپ تۇرۇپ تەپسىر قىلىپ ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسىنى كېڭەيتىپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا سىياسىي پروگرامما، ئىجتىمائىي غايە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، ئېتىكا - ئەخلاق قائىدىسى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ كىتاب ئاساسى قىلدى. مەسىلەن، كاپىرلارغا قارىتىلغان جىھادنى ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىدىكى ئادالەتسىز ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، <ئىسلام سىياسىيىسى> نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، دەپ شەرھلىدى. <كېڭىشىش> پرىنسىپىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي سىياسىي پرىنسىپى، دېموكراتىك تۈزۈم پرىنسىپى، دەپ شەرھلەپ، ئۇنى ئىسلام سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ <ئىسمى - جىسمىغا لايىق> ئاساسى، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ كۈرەش نىشانى قىلدى؛ مۇسۇلمانلارنى قېرىنداش دەپ بىلىشنى ۋە بايلىقنى دەپ ئىنساپنى يوقىتىش، جازانىخورلۇق قىلىشنى ئەيىبلەشنى، ھەممە ئادەمنىڭ ئىگە بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. ئاللا بەرگەن بايلىقتىن پايدىلىنىش توغرىسىدىكى سۈرە - ئايەتلەرنى ئىجتىمائىي باراۋەرلىك، ئىقتىسادىي ئادىللىق، دەپ شەرھلىدى؛ زاكات تۈزۈمى، تەھرىم رىبا، مال - مۈلۈكنى سەدىقە قىلىش قاتارلىقلارنى ئەمەل قىلىدىغان باج تۈزۈمى، پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمى، دەپ شەرھلىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى <ئەسلىيەتچىلەر> مۇشۇلارنى تېما قىلىپ، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ تارقاتتى، بۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولدى.